مالايشىيادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 30 دۇكان كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى

مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىكى بىر بازار ساھەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 30 دۇكان كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى.

1205463
مالايشىيادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 30 دۇكان كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇئالالۇمپۇر شەھەرلىك ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ل. لوگېسۋاراننىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 1 يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بازار ساھەسىدىكى 30 دۇكان كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئوت 15 مىنۇت ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخىچە مەلۇم ئەمەس بولۇپ، كۇئالالۇمپۇر مەركىزىدىكى ھىندى جامەسى ئەتاپىدىكى بازاردا روزى ھېيت ھارپىسىدا ھېيتلىق كىيىم – كېچەكلەر سېتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر