بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
بىرازىلىيەدە بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرازىلىيەنىڭ شىمالىي ئۆلكىسى پارانىڭ پايتەختى بېلېم شەھىرىنىڭ گۇئاما مەھەللىسىدىكى بىر قاۋاقخانىغا بىر ئاپتوموبىل ۋە بىر موتسىكلىت بىلەن كەلگەن قپراللىقلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 6 سى ئايال بولۇپ، جەمئىي 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.،ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جائىر بولسونارو يانۋار ئېيىدا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان دۆلەتتە قورال - ياراغ سېتىۋېلىشنى قولايلاشتۇرىدىغان قارارنامىنى ئىمزالىغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىغا ئاساسەن، بىرازىلىيەدە قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدىغانلارنىڭ «نېمىشقا قورال - ياراغ سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمىغان، قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇددىتى 5 يىلدىن 10 يىلغا چىققان.