ي پ گ / پ ك ك ئۇرۇش قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان ئەرەبلەرنى تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقاردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، سۈرىيەنىڭ تېل رىفات ناھىيەسىدە ئۇرۇش قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان 500 ئەرەبنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ تەشكىلاتتىن يىراقلاشتۇردى.

1203915
ي پ گ / پ ك ك ئۇرۇش قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان ئەرەبلەرنى تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان تېل رىفات ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى سېپىدە ئۇرۇش قىلىشقا قايىل قىلالمىغان ئەرەبلەرنىڭ قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

ي پ گ / پ ك ك، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى سېپىدىكى باشقا ئەرەبلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن قوراللىرىنى مۇسادىر قىلغان 500 ئەرەبنى ھاقارەت قىلغان ھالدا تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقاردى.

ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن ئىسىمنى تون قىلىپ قوللانغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ %28 نى ئىشغالى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر