ۋىلادىمىر زېلېنىسكى 20 - مايدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ۋىلادىمىر زېلېنىسكى 20 – مايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ.

1202558
ۋىلادىمىر زېلېنىسكى 20 - مايدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرىنفورم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنا پارلامېنتىدا 331 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 315 ىنىڭ ئاۋازى بىلەن، ۋىلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ رەسىمىي ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلاش ۋاقتى 20 – ماي دەپ بېكىتىلدى.

21 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا كومېدىيە ئارتىسى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى %72.22 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان، رەقىبى بولغان مەۋجۇت پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بولسا %24.45 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر