خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

نۇرغۇن كىشىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

1202280
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر زاۋۇت بىناسىنىڭ خارابىلىقى ئاستىدىن 11 كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاينىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 11:00 ئەتراپىدا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، تەخمىنەن 20 كىشىنىڭ بىنا ئاستىدا قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جايغا نۇرغۇن ساندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىدىي داۋالاش ئەترەتلىرى يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شاڭخەيدىكىبىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە رېمۇنت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر