دونالد ترامپ كېلەر ئاي جەنۇبىي كورېيەگە زىيارەتكە بارىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئاي پىرېزىدېنت مۇن جائىن بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1202557
دونالد ترامپ كېلەر ئاي جەنۇبىي كورېيەگە زىيارەتكە بارىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەر يىغىنى ئۈچۈن رايوندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسى كو مىندۇڭ، «ئىككى رەھبەر كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللاردىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن مۇزاكىرىلىشىش پىلاندى» دېدى.  

باياناتچى كو مىندۇڭ جەنۇبي كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا كېلىشىپ، ترامپنىڭ يېقىندا يېرىم ئارالدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە قوشۇمچە دىپلوماتىك مەسلىھەتلىشىشلەردە بولۇشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، تىرامپ بىلەن مۇن جائىننىڭ شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللاردىن تولۇق ۋە تەل تۆكۈس تازىلاپ بولغانغا قەدەر ئورتاق تىرىشچانلىقلارغا دائىر ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش جەھەتتىمۇ مۇزكىرىلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىراق ترامپنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتى بىلدۈرۈلمىدى.

گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەر يىغىنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە 28ئىيۇندىن 29ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.

ترامپ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم جەنۇىي كورېيەدە 2017يىلى نويوبىردىكى ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى سۈپىتىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر