خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا چوڭ ھۇجۇملارنى قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى قىلىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇش بىلەن تەھدىت سالدى.

1201796
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا چوڭ ھۇجۇملارنى قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ئارمىيە باياناتچىسى يەھيا سەرى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەربىستانغا يوللىغان ئۇچقۇچىسىز ئاپپىراتلارنىڭ ھەرىكەت باشلىغان كۈندىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچكى رايونلىرىدا ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھاۋادىن قىلىنغان بۇ ھۇجۇملار دائىرىسىدە دۇۋەدمى ۋە ئافىف شەھەرلىرىدىكى ھاياتىي ئەھمىيەتلىك چوڭ مۇئەسسەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يەھيا سەرى، «ئىنتايىن دىققەت بىلەن كۆزىتىش ۋە رايوندىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ھۇجۇملارنى ئىشقا ئاشۇردۇق. نەتىجىدە نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرى توختاپ قالدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادىغا بىۋاستە زەربە بېرىلدى» دېدى.

يەھيا سەرى يەنە مۇنداق دېدى:

«دۈشمەن دۆلەتلەر (يەنى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) نىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ھەل قىلىش چارىسى؛ يەمەنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشتىن ئىبارەتتۇر»

خۇسىيلارغا قاراشلىق ئەل مەسىرە قانىلى تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا 7 مۇھىم نۇقتىغا ھاۋادىن 7 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەربىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فالىھمۇ شەرقىي رايونلاردىكى قۇدۇقلاردىن غەرب ساھىلىغا نېفىت يەتكۈزىدىغان تۇرۇببا لىنىيەسىگە جايلاشقان 2 نېفىت تارقىتىش ئىستانسىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سەئۇدى ئەربىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» بولسا، بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن خېرىدارلارنى نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم يەمەندە 2015يىلىدىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى ھۆكۈمەت قىسملىرىغا ياردەم بەرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر