ئامېرىكىدىكى ئوت قويۇپ بېرىلگەن دىيانەت جامەسىدە ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھاۋېن شەھىرىدە ئوت قويۇپ بېرىلگەن دىيانەت جامەسى ئېغىر ماددىي زىيانغا ئۇچرىدى.

1200694
ئامېرىكىدىكى ئوت قويۇپ بېرىلگەن دىيانەت جامەسىدە ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ دىن خىزمەتلىرى بۆلۈمى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن دىيانەت جامەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئوت قويۇپ بېرىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ۋە جاۋابكارلار توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپىتىنىڭ جامەنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن باشلىنىپ ئۈچىنچى قەۋىتىگىچە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىدى. بىراق ئېغىر دەرىجىدە ماددىي زىيان مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىقلاندى. بولۇپمۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش ئەسناسىدا ئىشلىتىلگەن توننىلارچە سۇ تۈپەيلى بىنانىڭ كۆيمىگەن قىسىملىرىدا زەخمىلىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكى بايقالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن نيۇ ھاۋېن قاتارلىق ئامېرىكىدىكى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىشنىڭ بولماسلىقى ئەڭ كۈچلۈك تەسەللىمىزدۇر. يەرلىك دىنىي دائىرىلەر ۋە دۆلەت مىقياسىدىكى مۇسۇلمان ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى كۆپ يەردىن تەسەللىي ئۇچۇرلىرى تاپشۇرۇپ ئېلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئۆزگىرىشلەرنىڭ نيۇ يوركتىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسى دىن خىزمەتلىرى بۆلۈمى ۋە ۋاشىنگتوندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى دىن خىزمەتلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن يېقىندىن كۈزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر