ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران ۋاشىنگتونغا قارشى ھەرقانداق بىر قەدەم تاشلىغان تەقدىردە، بەدىلىنىڭ «ئېغىر» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.
1200728
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئورباننى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان دونالد ترامپ، ئامېرىكا – ئىران سۈركىلىشى توغرىسىدا توختالدى.
تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان سۈركىلىشنىڭ قايسى نۇقتىغا يۈزلىنىدىغانلىقىنىڭ كېلەچەكتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «ئىران بىلەن نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر بىر ئىش قىلىپ قالسا، بۇ ناھايىتى ئېغىر خاتالىق بولىدۇ. ئەگەر (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى) بىر ئىش قىلىپ قالسا، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.