زەرىف تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىت مەرەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1200316
زەرىف تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە چىقىرىلغان باياناتقا قارىغاندا، زەرىف بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە رايون ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تۈركمەنىستانلىق مەنسەپدېشى مەرەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر، تۆمۈر يولى توشۇمىچىلىقى ۋە زېمىن تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتۈش مەسىلىلىرى، ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، ئىككى دۆلەتتە قاماقتا يېتىۋاتقان ئىران ۋە تۈركمەنىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى، ھازار دېڭىزى مەسىلىسى ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئىرانغا قارىتىدىغان زىيارىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشتا مەرەدوۋ زەرىفنىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ، ئىران بىلەن بارلىق ساھەلەر بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە سىياسىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

زەرىفمۇ، تۈركمەنىستان بىلەن ئىراننىڭ كۆپلىگەن ئورتاق مەنپەئەتى بارلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت تۈنۈگۈن تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباتقا كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر