ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى ئىراننى يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1200082
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى:  ئىران يادرو كېلىشىمىنى قوللايمىز، دېدى.

موگېرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە يىغىنىدىن ئىلگىرى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىران يادرو كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى.  

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيەدە مۇقىملىق بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ب د ت خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى، لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى باشلىقى فايىز ئەس سەرراج بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موگېرىنى ئىران توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىران يادور كېلىشىمى ۋە بۇ كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قوللايمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭمۇ  ئىران مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئايرىم يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى: ئىران يادرو كېلىشىمىنى قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىمىز، دېدى.

موگېرىنى ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا  نۇرغۇن مەسىلىدە ئوخشىماسلىق بارلىقىنى، لېكىن مەسىلىلەرنى چوقۇم دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

موگېرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا كېلىپ كەلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا، تۈنۈگۈن كەچتە بۇ توغرۇلۇق ئۆزىگە خەۋەر كەلگەنلىكىنى، پومپېيونىڭ چۈشتىن بۇرۇن بىريۇسسېلغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

يىغىندا نۇرغۇن مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى: يىغىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېخى ۋاقىت بەلگىلىمىدۇق، دېدى.

پومپېيونىڭ بۈگۈن كەچتە موسكوۋاغا ماڭىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانىدى.

لېكىن پومپېيونىڭ پىلانىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ بىريۇسسىلغا كېلىشنى قارار قىلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر