ترامپنى ھافتەر بىلەن كۆرۈشۈشكە بىن سەلمان بىلەن سىسىنىڭ قايىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن سىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى لىۋىيەدىكى گېنېرال خەلىفە ھافتەرنى قوللاشقا قايىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1200025
ترامپنى ھافتەر بىلەن كۆرۈشۈشكە بىن سەلمان بىلەن سىسىنىڭ قايىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى لىۋىيەدىكى گېنېرال خەلىفە ھافتەرنى قوللاش مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ قايىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال سىترىت جۇرنال» گېزىتىنىڭ بىر ئامېرىكىلىق، ئىككى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىدە، ترامپ بىلەن مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى ئالاقىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

خەۋەردە، لىۋىيەدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىگە قارىتا «رەقىب» ھېسابلايدىغان مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن سىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئاقساراي بىلەن بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالاقە ئورناتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

9 – ئاپرېلدا ئاقسارايدا ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن سىسىنىڭ، ترامپتىن گېنېرال خەلىفە ھافتەرنى قوللاشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن خەۋەردار بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدارنىڭ، شۇ كۈنى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن مۇھەممەد بىن سەلماننىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە گېنېرال ھافتەرنى قوللاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ترامپنى «ترابلۇستىكى ھۆكۈمەتنىڭ دائېش ۋە ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن سىسىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، 15 – ئاپرېلدا ھافتەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.

ئاقساراي 19 – ئاپرېلدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2019 – يىلى 15 – ئاپرېلدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە لىۋىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىش مەقسىتىدە مارشال خەلىفە ھافتەر بىلەن كۆرۈشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى گېنېرال ھافتەر، پايتەخت تىرابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن 4 – ئاپرېلدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىمۇ «غەزەپ يالقۇنى» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر