موگېرىنى سەرراج بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى فايىز ئەسسەرراج بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشتى.

1200406
موگېرىنى سەرراج بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موگېرىنىنىڭ ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ لىۋىيەدىكى كىرىزىس توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق تەرەپلەرنى ئەسكىرىي پائالىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە ۋە سىياسىي دىيالوگ باشلاشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، لىۋىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر