جەنۇبىي كورېيە يېڭى بىر مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھەلەپ چىقتى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى يېڭى بىر مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھلەپ چىقتى.

1200141
جەنۇبىي كورېيە يېڭى بىر مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھەلەپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە سىناق قىلغان قىسقا مۇساپىلىك راكېتامىيوتلارغا قارشى «پاترويىت»ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھەلەپ چىقتى.

جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يونھاپنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چوي خىيۇن سو، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن ھەپتە ياپون دېڭىزىغا قويۇپ بېرىلگەن قىسقا مۇساپىلىك راكېتامىيوتلار توغرۇلۇق مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.  

بۇنداق تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئەنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چوي، شىمالىي كورېيەنىڭ راكېتامىيوتلىرىغا قارشى «پاترويىت»ناملىق مۇداپىئە سىسىتېمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ 10-مايدا ياپون دېڭىزغا قىسقا مۇساپىلىك راكېتامىيوت قويۇپ بەرگەنلىكى، بۇ راكېتامىيوتلارنىڭ 407 كىلومېتىر مۇساپە باسقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، سىناق قىلىنغان راكېتامىيوتلارنىڭ رۇسىيەدە ياسالغان قىسقا مۇساپىلىك «ئىسكەندەر»ناملىق راكېتامىيوتلارنىڭ بىر ۋارىيانتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى 4-مايدىمۇ ياپون دېڭىزغا بىر نەچچە قىسقا مۇساپىلىك راكېتامىيوت  قويۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر