رىياد بىر تېررورچىلار شايكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەتىف شەھىرىدە 8 كىشىلىك بىر تېررورلۇق شايكىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1199640
رىياد بىر تېررورچىلار شايكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەۋپسىزلىك خادىملىرى، قەتىفكە قاراشلىق تارۇت بازىرىدا دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان يېڭى قۇرۇلغان 8 كىشىلىك بىر تېررورچىلار شايكىسىغا تەلتۈكۈس زەربە بەرگەن.

مەركىزىي سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان «ئەلئەرەبىييە» قانىلىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرگەن بىر خەۋىرىدە، تارۇت بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىغا ئورۇن بېرىلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر