گۇايدو ۋەكىلىگە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچى پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدو، ۋەكىلىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1199566
گۇايدو ۋەكىلىگە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچى پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدو، ۋەكىلىگە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

30 – ئاپرېلدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئېدگار زامبرانو ئۈچۈن پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى كارلوس ۋېكچىيوغا ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم قوماندانى كرائىگ فاللېر بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا بويرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر