باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.
1198915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغدادنىڭ شەرقىدىكى سەدر رايونىغا جايلاشقان ئەلجەمىلە مەھەللىسىدىكى بازاردا ئادەم بومبىنىڭ ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمدا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
باغداد يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن خالىي بولۇپ، ۋەزىيىتى مۇقىم ئىدى.