سىنگاپوردا ئىنتېرنېتتە يالغان خەۋەر تارقىتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولدى

سىنگاپور ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغان، ئويدۇرما خەۋەرلەرنى ھەمبەھىرلىشىش ۋە تارقىتىشنى جىنايەت ھېسابلايدىغان قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

1198049
سىنگاپوردا ئىنتېرنېتتە يالغان خەۋەر تارقىتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنگاپوردا تارقىتىش بېرىدىغان «Channel News Asia» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئۇرۇن ئالغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قانۇن كومىتېتى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە، باشقىلارنىڭ پىكرىنى قەستەن بۇرمىلاش خاراكتېلىق يالغان، ئويدۇرما خەۋەرلەرنى ھەمبەھىرلىشىش ۋە تاقىتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان شۇنداقلا ھۆكۈمەتكە بۇ خىل ئۇچۇرلانى توسوش ھوقۇقى بېرىلىدىغان «ئىنتىرنېتتە يالغان خەۋەر ۋە پىكىر بۇرمىلاش قانۇنى» نى رەسمىي قوبۇل قىلغان.  

پارلامېنتتا 9 رەت ئاۋازغا قارشى 72 قوللاش ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قانۇنغا بىنائەن ئىنتېرنېتتە يالغان خەۋەر تارقاتقان كىشىلەرگە 10 يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن بولىدىكەن.

ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، ھەمبەرھىرلىشىلگەن خەۋەرنىڭ يالغان ياكى راسلىقىغا قارار قىلىش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تاشلاپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە «خەلقنىڭ مەنپەئەتى» دېگەن تېرمىننىڭمۇ ھەددىدىن ئارتۇق كەڭ ئىزاھلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر