پاكىستاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردىكى بىر سۇفى مازىرىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

1197062
پاكىستاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاھور جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى گازانفەر ئەلى، داتا داربار مازىرى يېنىدىكى ساقچى ئاپتوموبىلىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان پارتلاشتا، ئاپتوموبىلدىكى 4 ساقچى بىلەن بىر پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گازانفەر ئەلى، ۋەقە بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن سادىر قىلىندىمۇ ياكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىتىلدىمۇ؟ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، دېدى.

پارتلاش يۈز بەرگەن چاغدا مازار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈزلەرچە ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ساقچى باشلىقى ئەلى، بەزى يارىدارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

11 – ئەسىردە مەزكۇر رايوندا ياشاپ ئۆتكەن سوفى ئەلى ھاجۋەرىنىڭ قەبرىسى دەپ قارىلىۋاتقان مازار، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سوفى مەركەزلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

مەزكۇر مازار 2010 – يىلىمۇ بىر قېتىملىق قانلىق ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر