ئىران ئامېرىكانىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشى باياناتچىسى كەيۋان ھۈسرەۋى ئامېرىكانىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1196540
ئىران ئامېرىكانىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشى باياناتچىسى كەيۋان ھۈسرەۋى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ھۈسرەۋ ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ «ئۇ س س ئابراھىم لىنكولىن»تىپلىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

كەيۋەن ھۈسرەۋى ئامېرىكاغا تەۋە «ئۇ س س ئابراھىم لىنكولىن»ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ 21 كۈن ئىلگىرى ئىران ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا ئاقدېڭىزغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: جون بولتون ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىك ئېڭىدىن تامامەن مەھرۇم بىر كىشىدۇر. ئامېرىكا باشقىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈنلا بايانات بېرىدۇ، ئامېرىكا پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە، دېدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى كىرىزىسلەر ئالدىدا ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى كەيۋەن ھۈسرەۋى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە قوماندانلىرى ئىران ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.»

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئىران ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا  ھۇجۇم قوزغاپ قېلىش ئېھتىمالىنى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمىتىمىز <ئۇ س س ئابراھام لىنكولىن>تىپلىق ئاۋىئاماتكىنى ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىدۇ.»

ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولتون مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ئىراننىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا بىمالال تاقابىل تۇرالايمىز.»


خەتكۈچ: #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر