ئامېرىكا ئىرانغا ھەيۋە كۆرسىتىشكە تەييارلانماقتا

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىرانغا سىگنال بېرىش مەقسىتىدە «USS ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1195657
ئامېرىكا ئىرانغا ھەيۋە كۆرسىتىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىرانغا سىگنال بېرىش مەقسىتىدە «USS ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ھۇجۇمچىلار گۇرۇپپىسى بىلەن بىر بومباردىمانچى قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

جون بولتون بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «بىر قاتار ئەندىشە ياراتقۇچى ۋە سۈركىلىشنى ئۇلغايتقۇچى ئالامەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىران ھاكىمىيىتىگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇمغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا روشەن ۋە شەرتسىز سىگنال بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى <USS ئابراھام لىنكولىن> ناملىق ئاۋىياماتكىسى ھۇجۇمچىلار گۇرۇپپىسى بىلەن بىر بومباردىمانچى قىسىمنى رايونغا ئەۋەتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن توقۇنۇشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن جون بولتون، «بىراق، ھەرقانداق بىر ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق تەييارمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر