رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت كېتىپ 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئايرودۇرۇمغا قونغاندا ئوت كەتكەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلاردىن 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1195490
رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت كېتىپ 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، موسكۋادىن مۇرمانسكقا ئۇچماقچى بولغان ئايروفلوت (Aeroflot) شىركىتىنىڭ «SSJ-100» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرودۇرۇمغا قايتىپ جىددىي قونغان. ئايروپىلان قونۇش جەريانىدا ئارقا تەرەپكە ئوت كەتكەن ۋە يولۇچىلار دەرھال تارقاقلاشتۇرۇلغان.

رۇسىيە تاس (TASS) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلاندا 73 يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، يولۇچىلاردىن 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر