ھىندىستاندا چىققان فانى بورىنىدا ئۆلگەنلەر سانى 34 كە يەتتى
ھىندىستاندا جۈمە كۈنى چىققان بوراندا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 34 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
![ھىندىستاندا چىققان فانى بورىنىدا ئۆلگەنلەر سانى 34 كە يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2020/aa37/e070/5ccfdb7796036.jpg?time=1719173886)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا جۈمە كۈنى باشلىنىپ سائەتىگە 180 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئودىشا ئۆلكىسىنىڭ پۇرى رايونىدا قۇرۇقلۇققا چىققان فانى بورىنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 34 كە يەتتى.
ئۆلكىلىك جىددىي ئەھۋال مەركىزى بايانات بېرىپ، بوراننىڭ ئۆلكە مىقياسىدا 21 نەپىرى پۇرى رايونىدا بولۇپ جەمئىي 34 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەڭ ئېغىر زىياننىڭ پۇرى رايونىدا كۆرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى ئەمەلدارلىرى، ئۆلكە مىقياسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق سەھىيە مەركىزى بىلەن 5800 ئەتراپىدا مەكتەپنىڭ بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
14835 يېزىغا تەسىر كۆرسەتكەن بوراندا 17280 مال – چارۋا نابۇت بولۇپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719173886)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.