«ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولدى، لېكىن پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلالمىدى»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.

1192993
«ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولدى، لېكىن پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى، لېكىن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ھازىرىغىچە قۇرۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

فېدېرىكا موگېرىنى پەلەستىن مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلىدىغان يىغىندىن ئىلگىرى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىنې مارىيى ئېرىكسېن سورېيدې بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 1993-يىلى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى تەدبىقلاش ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتان موگېرىنى: ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولدى،لېكىن پەلەستىن دۆلىتى ھازىرغىچە قۇرۇلۇپ بولالىغىنى يوق، دېدى.

فېدېرىكا موگېرىنى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ئىكەنلكىنى ئەسكەرتتى.

ئوسلو كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىغا 25 يىل بولغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى  ئەسكەرتكەن موگېرىنى مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىشغال قىلىنغان زېمىنلاردا پەلەستىن خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق مىخانىزملار بېسىم بىلەن بىكار قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىختىلابلار ۋە تارقاقلىق پەلەستىننىڭ بىرلىكى ۋە دېمكراتىيەسىگە زىيان بەرمەكتە.»

فېدېرىكا موگېرىنى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولى بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈمىدىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەلەستىن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىنې مارىيا ئېرىكسې سورېيدېمۇ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغقان باجلارنىڭ بىر قىسمىنى تۇتۇپ قېلىشى تۈپەيلى پەلەستىنىڭ مالىيەسىنىڭ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ: پەلەستىن ھۆكۈمىتى يىغىلغان بارلىق باجلار تولۇق قايتۇرۇلمىغۇچە، ئىسرائىلىيەدىن پۇل ئېلىشنى رەت قىلدى، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر