پۇتىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

پۇتىن ۋېنېزۇئېلا تۈپەيلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1192994
پۇتىن  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى راىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن،ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىنغا چاقىردى.

كىرىمېل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يىغىن ئەھلى بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پۇتىن يىغىندا يەنە ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە خىتاي زىيارىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ۋېنېزۇئېلادا بۇ يىل 23-يانۋاردا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت جاكارلىغان ئۆكتىچى لىدېر خۇەن گۇايدو ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋە ئەسكەرلەرنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.  

خۇەن گۇايدو پايتەخت كاراكاستىكى لا كارلوتا ھەربىي بازىسىغا يېقىن جايدا ئەسكەرلەر بىلەن چۈشكەن رەسىمىنىمۇ تارقاتتى.

بىر ھەربىي ماشىنا ئالدىدا ئەسكەرلەر بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ئورتاقلاشقان خۇەن گۇايدو، ئەسكەرلەرنى ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا چاقىردى.

خۇەن گۇايدو ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن سىلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن، بۇنىڭ پۇرسىتى كەلدى.»

پايتەخت كاراكاستا بەزى ئەسكەرلەرنىڭ يوللارنى توسقانلىقى، ھەتتا بەزى يوللاردا ھەربىي ماشىنىلارنىڭ چېلىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا مۇداپىئە مىنىستىرى پادرىنو لوپېز، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا بىمالال تاقابىل تۇرالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ:بىز دۆلەت ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا قەسەم قىلدۇق، خائىنلارغا قارشى تەدبىرلىرىمىزنى ئالدۇق، ئارمىيە سېپىدا ئالاھىدە بىر ئەھۋالمۇ يوق، پۈتكۈل ئەسكەر باش قوماندانىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسونىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر