ھاماس پەلەستىنلىكلەرنى مىللىي بىرلىك بەرپا قىلىشقا چاقىردى

ھاماس ھەرىكىتى سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى ئىسمايىل ھەنىيە پەلەستىنلىكلەرنى مىللىي بىرلىك بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

1191259
ھاماس پەلەستىنلىكلەرنى مىللىي بىرلىك بەرپا قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ھاماس ھەرىكىتى سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى ئىسمايىل ھەنىيە، پەلەستىندە مىللىي بىرلىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن، پەلەستىنلىك بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋە قاتلاملار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھەنىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان «ئەسىرلىك كېلىشىم»گە قارىتا، ھاماسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەززەدە پەلەستىنلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋە قاتلاملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان ھەنىيە، ترامپنىڭ «ئەسىرلىك كېلىشىمى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىندە مىللىي بىرلىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان بارلىق كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاماسنىڭ پەلەستىندىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەنىيە، سىياسىي ساھەدىكى تارقاقلىق ۋە ئىختىلابلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن «پەلەستىندىكى بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقان كۈچلۈك ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك»دېدى.

ھەنىيە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ پۈتكۈل ۋەتەنپەرۋەر گۇرۇپپىلارنىمۇ قوينىغا ئالالايدىغان تەرىقىدە قايتىدىن تەشكىللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا 1993-يىلى ئوسلودا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ چوقۇم بىكار قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ھەنىيە، باشقىچە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى دېدى.

ھەنىيە يەنە ئىسلام ئەللىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغان كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىشى لازىملىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئىسمايىل ھەنىيە، ھاماس ھەرىكىتىنىڭ «غەززە ياكى غەززەسىز بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا، قۇددۇستىن ياكى يۇرتىغا قايتىپ كېلىش ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئىيوردانىيەدە پەلەستىنگە قارشى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلۇشىغا»قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

 


خەتكۈچ: #ھاماس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر