ئىچكى موڭغۇلدىكى پارتلاشتا 4 كىشى ئۆلۈپ 35 كىشى يارىدار بولدى

خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 4 كىشى ئۆلگەن.

1189596
ئىچكى موڭغۇلدىكى پارتلاشتا 4 كىشى ئۆلۈپ 35 كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەرلىرىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ دوڭزىڭ شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىمىيە زاۋۇتىدا كېچىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 35 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشتىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ خىمىيە زاۋۇتىدىكى ئوتنى غەلىبىلىك ئۇچۈرۈۋالغانلىقى، زاۋۇت ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ باشقا جايغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ساقچىلارنىڭ پارتلاش ھەققىدە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر