ئۇكرائىنادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كومېدىيە ئارتىسى ۋىلادىمىر ئۇتۇپ چىقتى
ئۇكرائىنادا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كومېدىيە ئارتىسى ۋىلادىمىر زېلېنسكى ئۇتۇپ چىقتى.
1187547
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كومېدىيە ئارتىسى ۋىلادىمىر زېلېنسكى ئۇتۇپ چىقتى.
ھازىرقى پىرېزىدېنت پوروشېنكو بىلەن كومېدىيە ئارتىسى ۋىلادىمىر زېلېنسكي رىقابەتلەشكەن سايلام تۈنۈگۈن كەچ سائەت 20:00دە ئاخىرلاشتى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، زېلېنسكي %73.2، پوروشېنكو %25.3 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
زېلېنسكي سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ غەلبىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈردۇق.»
1-مايغىچە رەسمىي نەتىجىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
سايلامدا ئۇتۇپ چىققان نامزاتمۇ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرغىچە قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.