كابۇلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۇچۇر – ئالاقە ۋە پوچتا – تېلېگراف ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىناسىغا قىلىنغان بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1187727
كابۇلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى باسىر مۇجاھىد، شەھەر مەركىزىدىكى مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن ھۇجۇمچىلارنىڭ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مىنىستىرلىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە ۋەقەدە 4 نەپىرى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 7 جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 8 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر