ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر 1 – ماي كۈنى دۆلەت مىقياسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۇدىغان بولدى
ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئېلان قىلىۋالغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ئۆكتىچىلەرنى 1 – ماي كۈنى دۆلەت مىقياسىدا كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى گۇايدونى قوللاۋاتقان بولۇپ، گۇايدو پايتەخت كاركاسنىڭ چاكوۋ رايونىدىكى بولىۋار مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا تەرەبدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
گۇايدو «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» دەپ ئىسىم قويغان ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ۋە نامايىشلار ئۈچۈن باشقا ئۆلكىلەردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدىكى تەرەبدارلىرىنى 1 – ماي كۈنى كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلغان گۇايدو ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پائالىيەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
گۇايدو «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» دائىرىسىدە قۇرۇلغان كومىتېتلارغا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان پائالىيەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن «ئەركىنلىك ۋە ياردەم ئالاھىدە ئەترەتلىرى» نىڭ 27 – ئاپرىلدا قەسەمياد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋېنېزۇئېلادا 1 – ماي كۈنى ھۆكۈمەتنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن دۆلەت خادىملىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە سوتسىيالىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىمۇ كوچىلارغا چىقىدىغان بولدى.