ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تىنچلىق سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئارىسىدا قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىلمەستىن كېچىكتۈرۈلدى.

1186667
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تىنچلىق سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن قاتار توقۇنۇش ۋە ئىنسانىي خىزمەتلەر مەركىزى باشلىقى سۇلتان بەرەكات تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ قاتاردا داۋاملاشتۇرۇلىدىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ۋاقىتسىز كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ، مەركەز ئېلان قىلغان ئىشتىراكچىلار تىزىملىكىگە قارشى چققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆھبەتكە كىملەرنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك پىكىر بىرلىكى ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

بۈگۈن باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سۆھبەتلەر ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا مۇزاكىرە ئارقىلىق خاتىمە بېرىشنى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىلىۋاتاتتى.

قاتار توقۇنۇش ۋە ئىنسانىي خىزمەتلەر مەركىزىنىڭ تۈنۈگۈن تارقاتقان تىزىملىكىدە 243 ئادەمنىڭ ئىسمى بار ئىدى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار، مەركەز تەييارلىغان تىزىملىكنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەييارلىغان 250 كىشىلىك تىزىملىكتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، غېنىنىڭ تىزىملىكىدە ئايال ۋەكىللەر سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بولسا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بارلىق تەرەپلەرنى دىيالوگ ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر