لوندوندا مۇھىت قوغدىغۇچىلار نامايىشىنى داۋام قىلماقتا

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ «ئىشغال قىلىۋېلىش» نامايىشىدا تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 460 قا يەتتى.

1186358
لوندوندا مۇھىت قوغدىغۇچىلار نامايىشىنى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى (Extinction Rebellion) نىڭ لوندوننىڭ ئاۋات جايلىرىدا قىلىۋاتقان «ئىشغال قىلىۋېلىش» نامايىشلىرى تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى نامايىشلىرىنى بىر جايدا قىلىش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، كۆۋرۈك ۋە چوڭ كوچا ئېغىزلىرىنى ئىگەللىۋالغان نامايىشچىلارنى تۇتماقتا. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يېڭى مەلۇماتىدا، تۇتۇلغان نامايىشچىلارنىڭ 460 قا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە پاسكاليا دەم ئېلىشى بۈگۈن(19-ئاپرېل) باشلىنىدۇ. ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئايرودۇرۇم مەسئۇللىرى ئايروپىلان سەپەرلىرى ۋە يولۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى كېلەر ھەپتە نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇندا داۋاملىشىش مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى. نامايىشچىلار دۈشەنبە كۈنى (15-ئاپرېل) دىن باشلاپ لوندوننىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنى ئىگەللىۋېلىپ، نامايىش قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ جايلارنىڭ ئىچىدە پەقەت پىكادىللي سىركىس (Piccadilly Circus) نامايىشچىلارنىڭ ئىگەللىۋېلىشىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر