ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر - پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سودىسىنى توختىتىپ قويدى

ھىندىستان، كەشمىرنىڭ پاكىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايون بىلەن بولغان چېگرا ھالقىپ سودا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويدى.

1186660
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر - پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سودىسىنى توختىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «جاممۇ كەشمىرنىڭ پاكىستان تەرەپ بىلەن قىلىۋاتقان ئۆزئارا تىجارىتىنىڭ پاكىستانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرى يۈزىسىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى» نى ئۇقتۇردى.

كەشمىردە 2008 – يىلى باشلانغان چېگرا ھالقىپ سودا قىلىش، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتكۈچى مۇھىم ئامىل، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتاتتى.

كەشمىر كونترول لىنىيەسى چېگرا ھالقىپ سودا قىلىش ئۇيۇشمىسى باشلىقى خەلىل تۇركى، ئالدىن ۋاقىپلاندۇرۇلماستىن چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ سودىگەرلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر