سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر بەشىرنىڭ ئىنىلىرى تۈرمىگە تاشلاندى

ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ئىنىلىرى چىرىكىلىك قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1185568
سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر بەشىرنىڭ ئىنىلىرى تۈرمىگە تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ئىنىلىرى چىرىكىلىك قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشى باياناتچىسى زەينەلئابىدىن ئەل كەبباشى ئىبراھىم، پايتەخت خارتۇمدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ئابدۇللا ۋە ئابباس ئىسىملىك ئىككى ئىنىسىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاكىمىيەتنى خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

سۇداندا بۇلتۇر 19-دېكابىردا ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى باشلىغان نامايىشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پايتەخت خارتۇم ۋە باشقا رايونلاردا ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كېتىشى ۋە پايتەخت خارتۇمدىكى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارىتا، سۇدان ئارمىيەسى 11-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلاپ، 30 يىل پىرېزىدېنت بولغان ئۆمەر بەشىرنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ.

سۇدان مۇداپىئە مىنىستىرى  ئاۋاد بىن ئاۋف، 11-ئاپرېلدا دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئىككى يىللىق ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ باشلىقىنى ۋە ئورنىغا ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھاننى تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بىن ئاۋف ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان بۇرھان، 13-ئاپرېلدا ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە ۋاكالىتەن قارارنامە ئېلان قىلىپ، 8 كىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەيدۇ.

ئۆمەر بەشىرنىڭ تۈنۈگۈن نەزەر بەند قىلىنغان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىغا يېقىن جايدىكى رەسمىي قونالغۇسىدىن پايتەخت خارتۇمدىكى كۇبەر باش تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر