نېتانياھۇ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى

ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى رۇۋېن رىۋلىن (Reuven Rivlin) سايلاملاردا پارتىيەسى بىرىنچى بولغان باش مىنىستىر نېتانياھۇغا بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەردى.

1185611
نېتانياھۇ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى رۇۋېن رىۋلىن غەربىي قۇددۇستىكى پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدا نېتانياھۇنى قوبۇل قىلدى. ئۇ پارلامېنتقا كىرگەن بارلىق ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نېتانياھۇنى يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

رۇۋېن رىۋلىن ئىسىرائىلىيەدە 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ھېچبىر پارتىيەنىڭ 120 ئورۇنغا ئىگە پارلامېنتتا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 61 ئورۇنغا ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، پارلامېنتقا كىرگەن پارتىيەلەرنىڭ ھەيئەتلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇ كۆرۈشۈشلەردە، مەزكۇر پارتىيەلەرگە كىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.

يېڭى پارلامېنتتا جەمئىي 30 ئورۇنغا ئىگە بولغان بەش ئوڭچى پارتىيە، نېتانياھۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى پىرېزىدېنت رۇۋېن رىۋلىنغا بىلدۈرگەن ئىدى.

سايلامدا بىرىنچى بولغان لىكۇد پارتىيەسىنىڭ 35 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن باشقا ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نېتانياھۇ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن شەرت بولغان پارلامېنتتىكى 61 دىن ئارتۇق ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. نېتانياھۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش كۆرۈشۈشلىرىدە باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا 5-نۆۋەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ 1996-يىلى تۇنجى قېتىم باش مىنىستىر بولغان بولۇپ، 2009-يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل باش مىنىستىرلىق ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

قانۇن بويىچە پىرېزىدېنتنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر 28 كۈن ئىچىدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى بېرىلگەن پارتىيە رەھبىرى تەلەپ قىلسا ئىككى ھەپتە قوشۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر