سىسىنىڭ 2030-يىلىغىچە پىرېزىدېنت بولۇشىنىڭ قانۇنىي يولى ئېچىلدى

مىسىردا پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسىنىڭ 2030-يىلىغچە پىرېزىدېنت بولۇشىنىڭ قانۇنىي يولى ئېچىلدى.

1184728
سىسىنىڭ 2030-يىلىغىچە پىرېزىدېنت بولۇشىنىڭ قانۇنىي يولى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسىنىڭ 2030-يىلىغچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى.

دۆلەتكە تەۋە ئەل ئىھرام گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ 531 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاساسىي قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: «2018-يىلى سايلانغان پىرېزىدېنت ئالتە يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ئالتە يىلدىن كېيىن يەنە قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولالايدۇ.»

ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسى 2024-يىلى ئاخىرلىشىدىغان سىسى، كېيىنكى 6 يىللىق پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولالايدۇ ۋە سايلىنىپ قالسا 2030-يىلىغچە پىرېزىدېنت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاساسىي قانۇندا پىرېزىدېنتقا تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ئىككى نۆۋەت سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى، ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ ماددىسىغا ئاساسەن، پىرېزىدېنت سىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2022-يىلى ئاخىرلىشاتتى.

مىسىر پارلامېنت باشلىقى ئەلى ئابدۇلال، ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ ماددىسىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ ماددىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، مىسىردا دېموكراتىك ئۇسۇل بويىچە پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىدىن كېيىن، 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر