«فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتى بىزنى چەكسىز غەم – قايغۇغا تاشلىدى»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى نوترېدەم چوڭ چېركاۋىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئۆزلىرىنى چەكسزى غەم – قايغۇغا تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1185265
«فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتى بىزنى چەكسىز غەم – قايغۇغا تاشلىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، نوترېدەم چوڭ چېركاۋىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن چېركاۋنىڭ بىر قىسمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن نوترېدەم چوڭ چېركاۋىنىڭ ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ،  فىرانسىيە خەلقىنىڭ ۋە بارلىق خىرىستىيانلارنىڭ غەم - قايغۇ ھەم دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلشىىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەزھەر شەيخى ئەھمەد تاييىب بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نوترېدەم چوڭ چېركاۋىغا ئوت  كېتىشىنىڭ ئۆزلىرىنى چەكسىز غەم – قايغۇغا تاشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يۈرەكلىرىمىز پارىژدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد – ئەلەملىك يۈرەكلىرى بىلەن بىرلىكتە سوقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر