چىلىدا ئايروپىلان قازاسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

چىلىنىڭ جەنۇبىدا كىچىك بىر ئايروپىلاننىڭ بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1185272
چىلىدا ئايروپىلان قازاسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا پايتەخت سانتىياگونىڭ جەنۇبىدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان پېرتومونت شەھىرىدىكى لا پالوما ئايروپىلان قونۇش مەيدانى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن.

ېرتومونت شەھەر باشلىقى ھارى جۇرگېنسېننىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كەتكەن، قازادا ئۇچقۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

چىلى تاراتقۇلىرى قازاغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلۈك خەۋەر تارقاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر