ي پ گ / پ ك ك سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تونېل قېزىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىشغال قىلىۋالغان ساھەلەردە تونېل قېزىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1183766
ي پ گ / پ ك ك سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تونېل قېزىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي پ گ / پ ك ك نىڭ تەشكىلاتنىڭ مۇنبىچ ۋە ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ناھىيەلىرىدىكى تونېل قېزىش پائالىيەتلىرى 2018 – يىلى دېكابىردا خەۋەر قىلىنغانىدى. تەشكىلاتنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تونېل قېزىش پائالىيەتلىرى بۈگۈنمۇ كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە خەۋەر قىلىندى.

ي پ گ / پ ك ك مەزكۇر ئىككى ناھىيەدىكى مەۋجۇت تۇنېللارنى ئۇزارتىش ۋە يېڭىلىرىنى قېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە چېگرا لىنىيەسىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ تەلبئەبياد، رەسۇلەين، قامىشلى ۋە مالىكىييەدىمۇ بۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پ ك ك تۈركىيەدىكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان سۈرىيە تېررىتورىيەسىدىكى كىچىك ئولتۇراق رايونلىرىدىمۇ تونېل قازماقتا.

ي پ گ / پ ك ك بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تەييارلىق قىلماقتا.

«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئافرىن رايونىدىن چىقىرىلىشىدىن كېيىن، بۇ ناھىيەدىن چىقماسلىق ئۈچۈن كۆپلىگەن نۇقتىلاردا خەندەكلەرنى قازغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر