بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىدا 4 ئەسكەر ئۆلدى
كامېروننىڭ يېراق شىمالىي رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا 4 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1182570
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېراق شىمالىي رايونىدىكى نېگىرىيە چېگراسىدا ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 4 ئەسكەر بوكو ھارام تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان مىنالىرىنىڭ پارتىلىشى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ۋەقەدە ئاپتوموبىلىدىكى باشقا 5 ئەسكەرمۇ يارىدار بولغان.
نېگىرىيەدە 2000 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ پائالىيەت باشلىغان ھەمدە خوشنا دۆلەت كامېرۇن ۋە چادتا بولسا، 2015 – يىلىدىن بېرى پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 – يىلىدىن بېرى ئېلىپ بارغان كوللىكتېپ زورۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.