ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قايتىدىن يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1182228
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تەخمىنەن 4 مىڭ 600 يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش قارارى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىزدۇر.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 9 – ئاپرېل سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، قايتىدىن باش مىنىستىر بولغان تەقدىردە، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ تېرروتېرىيەسىەگە قوشۇۋېتىدىغانلىقىنى، ھەمدە يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە 1967 – يىلى  ئىشغال قىلغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 250 كە يېقىن قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا 400 مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدىي كۆچمەنلەر ياشايدىكەن.

خەلقئارا قانۇنغان ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر