ئىراق پىرېزىدېنتى: قوشنىلىرىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە يول قويمايمىز

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ دۆلىتىنىڭ قوشنا ئەللەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1182349
ئىراق پىرېزىدېنتى: قوشنىلىرىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەرھەم سالىھ ئىراننىڭ باغداد باش ئەلچىسى ئىرېج مەسجىدىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رايوندا سۈركىلىشنى پەسەيتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان، ھەمدە تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى  كۈرەشنىڭ ھەممە تەرەپكە ئورتاق پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىراق قوشنىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ياكى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھېچبىر ھەرىكەتكە قەتئىي يول قويمايدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ «چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ ھەقتە ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزم سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە ئاساسلىق ۋاسىتىچىدۇر.»

ئارقىدىنلا ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارىيەسىنىڭ :«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىمنلىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر