خىتايدىكى سۇ ئاپىتىدە 7 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شىنجىن شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇ ئاپىتىدە 7 كىشى ئۆلدى.
1182440
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى تۈنۈگۈندىن بۇيان ئېغىر زىيان سېلىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇ ئاپىتىدە، 7 كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ لىيوخۇ ۋە فۇتىئەن رايونىدا يىغىلىپ قالغان سۇلارنى بوشىتىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
رايوندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.