فىلىپپىندا نۇرغۇن دائېش ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 9 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1182346
فىلىپپىندا نۇرغۇن دائېش ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇلى ۋىلايىتىنىڭ ئىككى رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 9 تېررورچى يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن.

رايوندا ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا ئۇنسۇرلار بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا 5 – ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مالايشىيا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللاردا 1991 – يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتى، زوراۋانلىق ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلىدىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات مىنداناۋ ۋە سۇلۇدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر