ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېڭىشى قۇرۇپ چىقتى

ئافغانىستاندا تالىبان تەشكىلاتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل «تىنچلىق – يارىشىش شۇراسى (كېڭىشى)» قۇرۇلدى.

1181562
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېڭىشى قۇرۇپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، سىياسەتچىلەر ۋە پارتىيە رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تپاقان تىنچلىق – يارىشىش شۇراسى ھەيئىتىنىڭ تەشكىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، شۇرانىڭ تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزائىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق – يارىشىش شۇراسى ھەيئىتى، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى.

تىنچلىق – يارىشىش شۇراسىنىڭ باياناتىدا، شۇرا ھەيئىتىنىڭ 19- ئاپرېلدىن 21 – ئاپرېلغىچە قاتاردا تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستاننىڭ «قىزىل سىزىقلىرى» مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، شۇرانىڭ تالىبانغا سۇنىدىغان قىزىل سىزىقلىرىنىڭ ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سىستېمىسىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى، سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى، مەۋجۇت ئاساسىي قانۇننىڭ ئاياللار ھوقۇقى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تالىبان تەشكىلاتى بولسا، تالىبان ھەيئىتىنىڭ قاتاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى، ئەمما، ئافغانىستان سىياسەتچىلىرى بىلەن يەككە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر