«ئىشتاتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمى چارە ئەمەس»

ئىراق شىئە رەھبەر مۇقتەدا ئەس-سادىر ئىراقتا ئىشتاتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ چارە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

1178985
«ئىشتاتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمى چارە ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا شىئە رەھبەر مۇقتەدا ئەس-سادىر ئىراقتا ئىشتاتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمى يولغا قويۇش چاقىرىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ چارە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

مۇقتەدا ئەس-سادىر جەنۇبتىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ مەركىزى ھاكىمىيەتتىن مۇستەقىل ھالدا ئىشتاتنى ئاساسن قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلىنغان چاقىرىقلار توغرۇلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشتاتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەزلۇم خەلقلەرنىڭ تەلىپىدۇر، لېكىن بۇ تۈزۈم چارە ئەمەس.»

ۋىلايەتلەرگە مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ چىرىكلىك ۋە زۇلۇم سادىر قېلىش ئېھتىمالىنىڭ تولىمۇ يۇقىرلىقىنى ئېيتقان سادىر: بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلسا ئىچىمىزدىكى ۋە سىرتتىكى مەنپەئەتچىلەر گۇرۇھى بىزنى كونترول قىلىۋېلىپ، مال-مۈلۈكلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. بۇلار بىزنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە بىزنى ياتلار ئاسانلا ئىشغال قىلىۋالىدۇ، دېدى.

مۇقتەدا سادىر ئىراق خەلقىنى ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

ئىراقتا نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ بولغان بەسرەنىڭ ۋىلايەت مەجلىسىدە بۇ يىل 2-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىدە ، 20 مەجلىس ئەزاسى بەسرە ۋىلايىتىنى مۇستەقىل ئىدارە رايونىغا ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنىدى.


خەتكۈچ: #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر