يېڭى زېلاندىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچى بېرىنتون تاررانت ئەتە سوت قىلىنىدۇ

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد جامىلىرىدە 50 كىشىنى قەتلى قىلغان ۋە يەنە 50 كىشىنى يارىدار قىلغان تېررورچى بېرىنتون تاررانتنىڭ 50 ئايرىم ئايرىم جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە 39 قېتىم جىنايەتكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنىدىغانلىقى ئېلا

1177005
يېڭى زېلاندىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچى بېرىنتون تاررانت ئەتە سوت قىلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا 5ئاپرىل جۈمە كۈنى كىرستچورچ ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنگەن سوتتا، تېررورچى بېرىنتون تاررانتنىڭ 50 ئايرىم ئايرىم جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە 39 قېتىم جىنايەتكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئەڭ يۇقىرى ئۇكلاند تۈرمىسىدە يالغۇز كىشىلىك قاماقتا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تېررورچى بېرىنتون تاررانتنىڭ ئەتىدىكى سوتقا ۋىدېئولۇق ئۇلىنىش بىلەن قېتىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن سوتقا ئاخباراتچىلارنىڭمۇ قانىشالايدىغانلىقى، بىراق ئاۋاز ۋە سېنغا ئېلىش شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن 12 ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن يوللانغان ئىلتىماسلارنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرىگە 15مارت جۈمە كۈنى قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، كىچىك بالا ۋە ئاياللار بىلەن قوشۇلۇپ، 50 كىشى شېھىت قىلىنغان ۋە يەنە 50 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر