گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى بولدى

گېرمانىيە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاپرېل ئايلىق نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1175584
گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 ئەزالىق ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزاسى گېرمانىيە، كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارا سىستېما توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قارشى كۆپ دۆلەتلىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىشنى قارار قىلدى.

فىرانسىيە ئۆتكەن ئاي نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلغان ئىككى دۆلەت، بۇ ئايمۇ گېرمانىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېئىكو مائاس، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان بىلەن ب د ت مەركىزىي بىناسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خەلقئارا تۈزۈمنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە خەلقئارا تۈزۈمنى ھىمايە قىلىشى كېرەك» دېدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 6 قېتىم ۋەزىپە ئالغان گېرمانىيە، كېڭەشنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە دائىمىي ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر