يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى قۇربانلىرىغا يىغىلغان ئىئانە مىقدارى 9 مىليون دوللاردىن ئاشتى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئالنۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىئانە توپلاش داۋاملاشماقتا.

1174456
يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى قۇربانلىرىغا يىغىلغان ئىئانە مىقدارى 9 مىليون دوللاردىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئالنۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىئانە ھېساباتىغا 139 دۆلەتتىن 9 مىليون 400 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل ئىئانە قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش گۇرۇپپىلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن كرىستچورچ شەھىرى ھۇجۇمى قۇربانلىرى فوندى دېگەن نامدا ئېچىلغان بانكا ھېساباتىغا ياتقۇزۇلغان ئىئانە مىقدارى 9 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

ھازىرغىچە قىلىنغان ئىئانىلەرنىڭ 139 پەرقلىق دۆلەتتىكى 95419 كىشى تەرىپىدىن يوللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

15 – مارتتا ئېچىلغان بانكا ھېساباتىغا ئەۋەتىلگەن ئىئانە مىقدارى 9 مىليون 356 مىڭ 601 دوللارغا يەتتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئالنۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرى 15 – مارتتا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 51 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر