ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو 100 مىڭ دوللارنىڭ ھېسابىنى بېرەلمىدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئېلان قىلىۋالغان ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدونىڭ پارلامېنتقا دوكلات قىلماستىن خەلقئارالىق ئورگانلاردىن پۇل ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1173374
ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو 100 مىڭ دوللارنىڭ ھېسابىنى بېرەلمىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئېلان قىلىۋالغان ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدو تەخمىنەن 100 مىڭ دوللارغا توختىغان چەت ئەللەر ساياھەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ زادى قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى.

«Nacional» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدونىڭ 90 قېتىمدىن كۆپرەك چەت ئەللەردە ساياھەتتە بولۇشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، تەخنمىنەن 100 مىڭ دوللار چىقىم كەتكەن بۇ ساياھەتلەرگە ئىقتىسادنىڭ زادى قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ھېساب بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلغا.

بۇ ئارىلىقتا گۇايدو ئۆزىنىڭ 15 يىلغىچە دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ چەكلىنىشگە ئالاقىدار قارارنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت مۇپەتتىشى ئەلۋىش ئاموروسو دۆلەت تېلېۋىيەسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇايدونىڭ پارلامېنت باشلىقى بولۇپ بەلگىلەنمىگەن تۇرۇغلۇق 91 قېتىم چەت ئەللەردە ساياھەتتە بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 570 مىليون بولىۋار چىقىم قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ چىقىملىرىنى ئالغان مائاشلىرى بىلەن ئۆتىيەلىشىنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مۇپەتتىش يەنە، پارلامېنت باشلىقى گۇايدونىڭ 248 كۈننى چەت ئەللەردە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پارلامېنتقا مال مۈلكىنى بايان قىلىشتا، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە دوكلات قىلماستىن خەلقئارالىق ئورگانلاردىن پۇل ئالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر